ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • ئىلى مەشرىپى ھەققىدە       

    داستىخان يىغىلىشتىن ئاۋۋالقى دۇئادىن كيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ ھەم كۆل بېگىگە    «گۈل چاي كەلتۈرۈلسۈن!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كۆل بېگى ئالدىن تەييارلاپ قويغان گۈل چاينى كەلتۈرىدۇ. گۈل چاي ھەرخىل شەكىلدە ياسىلىدۇ. بەزىلەر چىنىنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل گۈللەرنى ئەپچىللىك بىلەن تىزىپ ئالاھىدە كۆرۈنۈش قىلىپ ياسايدۇ ياكى  ئالمىلارنى پىچاق بىلەن كۈچۈك چىشى قىلىپ ھەرە شەكلىدە ياساپ، چىنىنىڭ ئەتراپىغا تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرىغا بىر تال چىرايلىق        گۈلنى    ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەتنۇسقا سېلىپ كەلتۈرىدۇ، يېزىقچىلىقتىن خەۋىرى بار بىرىنى يىگىت بېشى كاتىپلىققا سايلايدۇ

  • ئىلىنى ساياھەت قىلغىڭىز بارمۇ؟

    نارات يايلىقى كۈنەس ناھىيسى تەۋەلىگىدە بۇلۇپ. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش يولىغا جايلاشقان، غەرب تەرىپى كۈنەس ناھىيىسىگە، ھەتتا غۇلجا شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ، 312 - دۆلەت يولىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ، شەرق تەرىپى قەدىمكى يولنى بويلاپ بولغۇنتاي تاشيولىغا تۇتىشىدۇ. تەڭرىتاغنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن مايتاغ - كۇچا تاشيولىمۇ نارات يايلىقىدىن ئۆتىدۇ.

  • تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى

    تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى(مىلادى1330-1363-يىل)،شۇنداقلا بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغان موڭغۇل خاقانى،ئۇنىڭ مازىرى قورغاس ناھىيسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىدىن 45 كىلومېتىريىراقلىققا جايلاشقان.